Is this your app? Claim this page to add your own description, links and contact info. It's free. →

بۇلبۇلگويا

بۇلبۇلگويا at Mac App Store analyse

Abdurahman Turhun
3,888 ratings · Power index: 174
Version 1.0.3
Size 20.42 Mb
Updated 9 years ago
Released 26 Mar 2017

How do you feel about this app?

Screenshots

Description

بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA رېھسان ئىجراسىدىكى بۇلبۇلگويا قاتارلىق نادىر ئىجادىي كۈيلەرمۇجەسسەملەنگەن بىرناخشا ئەپ دىتالى بولۇپ، بۇ ئابدۇراھمان تۇرغۇن رېھساننىڭ رەسىمچىك ناملىق كۆپ تىللىق ئەپ دىتاللىرىدىن كىيىنكى يەنە بىر كاتتا ئىجادىيېتى ھىسابلىنىدۇ،بۇ ئەپ دىتالىغا رېھسان ئۆزى تېكېست يىزىپ، ئۆزى مۇزىكا ئىشلەپ، ئۆزى ئاكورتلاشتۇرۇپ،ئۆزى ئورۇنلاپ ،ئۆزى ئۈنگە ئىلىپ رەتلىگەن شوخ نادىر ئىجادىي كۈيلىرىدىن بىرقىسىم ئ‍ىجادىي ناخشېلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كەڭ تاماششىبىنلىرىمىزغا ئۆزگىچە ھوزۇر بىغىشلىغۇسى. بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA قەدىمكى رىۋايەتلەردىكى ئىنتايىن گۈزەل بىرقۇش بولۇپ، ئۇبۇلبۇلنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن،بۇلبۇل ئىشقىدا كىچىلەر-كۈندۈزئ‍اھۇ پەرياد چىكىدىكەن، بىراق بۇلبۇل بولسا گۈلنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇلبۇل گۈل ئىشقىدا سايرايدىكەن، بىراق گۈل بولسا ئەتراپىدىكى پەرۋانىلەر كىپىنەكلەر بىلەن ئاۋارە ئىكەن، بۇلبۇل ھەرقىتىم گۈل ئىشقىدا سايرىسا ئۇنىڭ ئەتراپىغا قاغا قۇزغۇنلار، تىكەن شۇمبۇيالار كىلىۋالىدىكەن....بۇ قەدىمقى رىۋايەتلەردىكى تولىمۇ گۈزەل بىر مۇھابەت ھىكايىسى. بۇلبۇلگويا - BULBULGOYA ناملىق ئەپ دىتالى دەل رىئاللىقتىكى يۇقارقىدەك مۇھاببەت ھىكايىلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئىشلەنگەن بىر ئەپ شەكىلدىكى سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسى بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر سەنئېتىگە نىسبەتەن قاپلىق ئ‍ۈنئالغۇ لىنتېسى ، CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرىدىن كىيىنكى يىڭى بىر شەكىلدە سەنئەتنى ئىقتىسادلاشتۇرۇشنىڭ يىڭى سەھپىسىنى ئاچقان تۇنجى سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسى بولۇپ قالغۇسى. مۇقەررەركى، سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكىسى ئۇقۇمى مۇشۇ ئەپدىن باشلاپ يىقىن كەلگۈسىدە زور كۆلەمدە دەۋر ئىقىمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ ۋە ئۇيغۇر سەنئېتىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇشقا يۈزلەندۈرىدۇ.خۇددى ئەينى چاغلاردا قاپلىق ئۈنئالغۇ لىنتېسى بازار تېپىپ كەتكەن بولسا، كيىن CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرى تەرەققى قىلىپ ئۈنئالغۇ لىنتېلىرى بازاردىن چېكىنكەن ئىدى.مانا ئەمدى CD ،DVD,VCD پىلاستىنكېلىرىمۇ دەۋر تەرەققىياتى تەرىپىدىن بازاردىن شاللىنىپ تارىخ سەھنىسىدىن ئورۇن ئىلىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ،مانا ئەمدى ئەپ پىلاستىنكېسى دەۋر ئىقىمىغا ئايلىنىشقا باشلايدۇ، ئىشىنىمەنكى،سەنئېتىمىز بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلغار ئۈسكۈنىلەر ۋە ئىلغار تېخنىكىلار بىلەن مۇجەسسەملەنگەن ھالدا ئەڭ مودا ئەڭ يارقىن رەۋشتە ، ھەقلىق شەكىلدە، ماس قەدەمدە دەۋرتەرەققىياتىنىڭ ئالدىدا زەبەردەست، قەددى تىك ماڭالايدۇ، بۇنىڭغا شەخسەن مېىنىڭ ئىشەنچىم كامىل، چۈنكى مەن سەنئەتنى سۆيىمەن، بولۇپمۇئۇيغۇرسەنئېتىنى ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى جان دەپ سۆيىمەن،نۇرغۇنلىغان تالانتلىق سەنئەتكارلىرىمىزبار،ئۇلارغا قەلبىم تۆرىدىن ھۆرمىتىم چوڭقۇر.بۇ سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنىكىسىنى دەل مانا مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرنىشى ئاستىدا تۈزۈپ چىقتىم، بۇنداق سېفىرلىق ئەپ پىلاستىنكېسىنى تۈزۈشتىن مەخسەت ئىككى،بىرى، بۇ ئارقىلىق كەڭ ئۈن-سىن مەركەزلىرى ۋە بارلىق سەنئەتكارلار بىلەن يىقىندىن ھەمكارلىشىپ، كۆپچىلىككە مانا مۇشۇنداق ھەقلىق ئەپ پىلاستىنكىسى تۈزۈب بىرىش ، يەنە بىرى ئۆزۈمنىڭ سەنئەت ئىجادىيەتلىرىمدىن دۇنيادىكى كەڭ سەنئەت سۆيەر كىشىلەرنى ھەمبەھرىمان قىلىش ئۈچۈن بۇ ئەپ پىلاستىنكىسىنى تۈزدۇم. بۇ ئەپنىڭ تۇنجى نەشىرىدە نۇرغۇن جەلىپكار يارقىن نۇقتىلار بار بولۇپ، ئەپ قوزغالغاندا بۇلبۇلگويانىڭ يىقىملىق مۇزىكېسى ئاڭلىنىدۇ ۋە ئېكراندا ئاقار يۇلتۇزلار ئېقىپ چۈشىدۇ، ئېكرانغا بارماق سۈرتۈش ئارقىلىق ئاقار يۇلتۇزلارنى تۇتۇۋىلىشقا ،ئاستى-ئۈستى ئۇچۇرۇشقا بولىدۇ. ئايفۇننى سىلكىش ئارقىلىق كىيىنكى ناخشىغا يۆتكەشكە بولىدۇ،ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا ئايفۇننى قۇلاق تۈۋىگە ئىلىپ كەلگەندە ناخشا ئاۋازى ئۆزلۈگىدىن تۆۋەنلەيدۇ،يىراقلاتسا يۇقىرىلايدۇ. ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا تېلېفۇن كەلسە ناخشا ئۆزلۈگىدىن توختاپ تۇرۇپ، تېلېفۇن ئاياغلاشقاندا ناخشا كەلگەن يىرىدىن داۋاملىشىپ قويىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كىشىنى تولىمۇ ھاياجانغا سالىدىغان كاتتا بىر تۇنجى يىڭىلىق يەنى ناخشا قويۇلۇۋاتقاندا ناخشا تېكىستى ماس قەدەمدە بويىلىپ تۇرىدۇ. باشقا ئىقتىدارلار ۋە ئەپ چۈشەندۈرىلىشى ئەپ ئىچىگە مۇجەسسەملەنگەن، قىسقېسى،مەزكۈر ئىجادىيەتلىرىم ئارقىلىق كەڭ تاماشىبىنلارغا ھوزۇر بىغىشلىيالىسام مەن شۇنىڭدىن خۇرسەن. شۇنىڭدەك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كەڭ سەنئەتكارلارنىڭ ، كەڭ ئۈن-سىن مەركەزلىرىنىڭمۇ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىشىنى، تەكلىپ-پىكىر ۋە ھەمكارلىق ئويۇڭلار بولسا ئۇچۇرقىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن: -رېھسان. ئۈندىدار ئالاقە نۇمۇرىم: Rehsan ئېخەت ئادرېسىم: [email protected] [email protected]

Estimates

Monthly Downloads > 3.83k
Est. Revenue ~ $1.57k

Availability

Devices

iPhone4 iPad2Wifi iPad23G iPhone4S iPadThirdGen iPadThirdGen4G iPhone5 iPodTouchFifthGen iPadFourthGen iPadFourthGen4G iPadMini iPadMini4G iPhone5c iPhone5s iPadAir iPadAirCellular iPadMiniRetina iPadMiniRetinaCellular iPhone6 iPhone6Plus iPadAir2 iPadAir2Cellular iPadMini3 iPadMini3Cellular iPodTouchSixthGen iPhone6s iPhone6sPlus iPadMini4 iPadMini4Cellular iPadPro iPadProCellular iPadPro97 iPadPro97Cellular iPhoneSE iPhone7 iPhone7Plus iPad611 iPad612 iPad71 iPad72 iPad73 iPad74 iPhone8 iPhone8Plus iPhoneX

Pricing by country

Country Price
Canada free
China free
France free
Germany free
Italy free
Netherlands free
Portugal free
Spain free
Poland 399.99 EUR
UK free
India free
Japan free
Korea, Republic Of free
Poland free
Russia free
Turkey free
USA free
Korea, Republic Of 5.49 USD
Ukraine free