Is this your app? Claim this page to add your own description, links and contact info. It's free. →

Ewlat

Ewlat at Mac App Store analyse

Abdullah karakas
6,192 ratings · Power index: 180
Version 4.0.1
Size 10.51 Mb
Updated 3 years ago
Released 27 Aug 2014

How do you feel about this app?

Screenshots

Description

ئەۋلاد دېتالى ھەققىدە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! ئەۋلاد دېتالىنىڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرگىنىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز ۋە ياقتۇرۇپ پايدىلىنىشىڭىزغا تىلەكداشمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ www.ewlat.net توربېكىتىدە تارقىتىلغان كارتون ۋە فىلىملەرنى ئالما ئۈسكۈنىلىرىدە بىمالال كۆرەلىشىڭىز ئۈچۈن تەييارلانغان "ئەۋلاد" (EWLAD) ناملىق بۇ دېتالنى ياقتۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز. ئەۋلاد تەلىم-تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ياساتقۇزۇپ تارقىتىلغان "ئۇيغۇر ئەۋلاد" ناملىق ئەپنى چۈشۈرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىزنى تەبرىكلەيمىز. قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن! سىز چۈشۈرگەن بۇ ئەپنىڭ ئىچىدە ئەۋلاد گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ساغلام تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق: (يېڭىدىن تەييارلىنىدىغان ماتېرىياللار تەييار بولغانسېرى بۇ ئەپكە يوللىنىپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.) ئەپكە كىرگۈزۈلگەن ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە: 1- 3 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەركىب تاپقان "ئەخمەت ۋە دوستلىرى ئىمان-ئىسلامنىڭ شەرتلىرىنى ئۆگەنمەكتە" ناملىق كارتون فىلىم. 2- 32 قىسىمدىن تەركىب تاپقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالىنى چۈشەندۈرگەننىڭ سىرتىدا ھەر قىسىمنىڭ بېشىدا مەلۇم بىر تېما ھەققىدە توختالغان "مېنىڭ گۈزەل پەيغەمبىرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام" ناملىق كۆپ قىسىملىق كارتون فىلىم. 3- ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز بىلەن ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى تۈۋرۈكىدىن بىرى بولغان بولغان نامازنىڭ ئوقۇلۇش قائىدىسىنى ۋە مۇھىم ئاساسلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى ئۈچۈن تەييارلىنىپ تارقىتىلغان جەمئىي 4 قىسىملىق "ناماز ئۆگىنىش قوللانمىسى" ناملىق كارتون فىلىم. 4- قۇرئان كەرىمنى يېڭىدىن ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئۆزلۈكىدىن تەجۋىدىنى ياخشىلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن پايدىلىنىش ئەھمىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ تەييارلانغان ۋە 8 جېگابايتلىق 4 DVD پىلاستىنكىسىدىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش "قۇرئانى كەرىم خەتمى" نىڭ پارىلار بويىچە ئايرىلغان ھۆججەتلىرى. 5- سېنارىيەسىنى مۆھتەرەم يۇسۇف ئەلقەرداۋىي قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا تونۇلغان ئالىملار تەكشۈرۈپ بېكىتكەن، قاتار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن mbc شىركىتى تەرىپىدىن بىرلىكتە مەبلەغ سېلىنىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇلغان ۋە ئىسلام دۇنياسىدا داۋالغۇش پەيدا قىلغان 31 قىسىملىق "كۆپ قىسىملىق ھەزرىتى ئۆمەر فىلىمى" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 6- قۇرئان كەرىمدىكى مۇھىم ھۆكۈملەرنى تېما قىلغان "قۇرئان يوليورۇقلىرى" ناملىق 30 قىسىملىق كارتون فىلىم. 7- 1990- يىللاردا تۈركىيەدە سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان ۋە تۈركىيەدە داۋالغۇش پەيدا قىلغان 2 قىسىملىق (تەخمىنەن 4 سائەت ئۇزۇنلۇقىدا) "مىنيەلىك ئابدۇللاھ" ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى. 8- ئاللاھ بىلەن قۇل ۋە بەندە بىلەن بەندە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەق-ھوقۇقلار تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "قۇل ھەققى" ناملىق كارتون فىلىم. 9- قېرىنداشلار ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا دەسلەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىككى قېرىنداشتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ھابىل بىلەن قابىل قىسسىسى تېما قىلىنىپ ئىشلەنگەن "ھابىل بىلەن قابىل" ناملىق كارتون فىلىم. 10- بۈگۈن ياۋروپانىڭ ئىلىم-پەندە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئىلىم-پەننىڭ ئۇلىنى مۇسۇلمانلارنىڭ سالغانلىقىنى ئەسلىتىشنى مەقسەت قىلغان "1001 كەشىپ ۋە كۇتۇپخانىنىڭ سىرى" ناملىق قىسقا فىلىم. ئۇندىن باشقا تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار دەپ قارالغان بىر قىسىم ئاۋازلىق ئەسەرلەر بىلەن ئۇيغۇرچە لايىھەلەنگەن كارتونلارنىمۇ بۇ دېتال ئارقىلىق كۆرۈپ پايدىلىنالايسىز. جانابى ئاللاھ بىزنى ۋە سىزنى ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۈرىدىغان، خەلقىمىزنىڭ ئېڭىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئىشلارنى زاماننىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان يوللار ئارقىلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە قىلسۇن. بىزنى ئۆزى رازى بولىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلسۇن. ئاخىرىدا تېنىڭىزگە سالامەتچىلىك، كۆڭلىڭىزگە خاتىرجەملىك، ئائىلىڭىزگە بەخت - سائادەت، ئەۋلادلىرىڭىزغا ئىمان – ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بىر ھايات، خەلقىمىزگە شانلىق كېلەچەك يار بولسۇن. ئىقتىسادىي ياردەم ئۈچۈن ئادرېسىمىز: Paypal.com ئارقىلىق [email protected] تور بېكەت ئادرېسىمىز: http://www.ewlat.net ئىلخەت ئادرېسىمىز: [email protected] ھۆرمەت بىلەن ئەۋلاد تەلىم – تەربىيە ماتېرىياللىرى تەييارلاش گۇرۇپپىسى.

Estimates

Monthly Downloads > 3.96k
Est. Revenue ~ $1.62k

Availability

Devices

iPad2Wifi iPad23G iPhone4S iPadThirdGen iPadThirdGen4G iPhone5 iPodTouchFifthGen iPadFourthGen iPadFourthGen4G iPadMini iPadMini4G iPhone5c iPhone5s iPadAir iPadAirCellular iPadMiniRetina iPadMiniRetinaCellular iPhone6 iPhone6Plus iPadAir2 iPadAir2Cellular iPadMini3 iPadMini3Cellular iPodTouchSixthGen iPhone6s iPhone6sPlus iPadMini4 iPadMini4Cellular iPadPro iPadProCellular iPadPro97 iPadPro97Cellular iPhoneSE iPhone7 iPhone7Plus iPad611 iPad612 iPad71 iPad72 iPad73 iPad74 iPhone8 iPhone8Plus iPhoneX iPad75 iPad76 iPhoneXS iPhoneXSMax iPhoneXR iPad812 iPad834 iPad856 iPad878 iPadMini5 iPadMini5Cellular iPadAir3 iPadAir3Cellular iPodTouchSeventhGen iPhone11 iPhone11Pro iPadSeventhGen iPadSeventhGenCellular iPhone11ProMax iPhoneSESecondGen iPadProSecondGen iPadProSecondGenCellular iPadProFourthGen iPadProFourthGenCellular

Pricing by country

Country Price
Canada free
China free
France free
Germany free
Italy free
Netherlands free
Portugal free
Spain free
Poland free
UK free
India free
Japan free
Korea, Republic Of free
Poland free
Russia free
Turkey free
USA free
Korea, Republic Of free
Ukraine free